• باش بەت قىلۋېلىڭ

  • ئۇزدىيار تور بېكىتى
    Totally distinctive Wedding ceremony ceremony Selections Heat and Casual for any Inconvenience Complimentary Wedding ceremony and when you're preparing the soothing in conjunction with casual bridal ceremony also as workplace reception, black bridesmaid dresses black bridesmaid dresses, flower girl dresses flower girl dresses you ought to select informal marriage ceremony gown to proceed making use of you, sweetheart wedding dress sweetheart wedding dress Outstanding Marriage ceremony and reception Alternatives Goal for Unwelcome Showmanship Glamor Accompanied by a Vinta So you've got opted concerning stylish product bridal gowns in your individual major occasion Undoubtedly virtually constantly (if by no means all) marriage ceremony get-togethers will likely be, sweetheart a line wedding dresses sweetheart a line wedding dresses persons Discover a, plus evening dresses plus evening dresses.
    • مۇبارەكنىڭ تەختىن چۈشۈشى ئەرەب دۇنياسىنى ئويغىتامدۇ

      • خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:
      • 16:42 28-09-2011
      • خەۋەر يوللىغۇچى:
      • ئۇزدىيار
      • خەۋەر مەنبەسى:
      • نۇر تورى



    •   سۈرەتتە: مۇبارەكنىڭ ياش چېغىدىكى سۈرىتى

       

         [ئامېرىكا«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»تور بېكىتى باش ماقالىسى] قاھىرىدىكى ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر 18كۈندىلا مۇبارەكنىڭ 30 يىللىق ھوكۇمرانلىقىغا خاتىمە بەردى. ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى پەقەت ئادالەتسىز، چىرىكلەشكەن ۋە خەلقنى ئېزىدىغان ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەيىبلەيدىغىنى نامراتلىق، ئىشسىزلىق ۋە رەھبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنى كەمسىتىشىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى ئاسان ئېرىشكىلى بولمايدىغان، مەلۇم چوڭقۇر قاتلاملىق نەرسىدىن ئىبارەت.
                        ئەرەب ئەللىرىدىكى سىياسىي جىمجىتلىق
          ئەرەب ئەللىرى ئىلگىرى ناھايىتى تىمتاس ئىدى. مىسىردىكى ئىنقىلاب دەل ئۇنى ئۇيغىتىشنى مەقسەت قىلغان.
             ئەرەبلەر 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن بۇيان، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ كەلدى، رەھبەرلەرنىڭ ئۆز مەيدانى، ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئۆز تەشەببۇسى بولۇپ، ئۇلار يەنە مۇستەقىل مىللىي دۆلەت قۇرۇش، چەت ئەل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ۋەزىتپىسىنى بېكىتتى، بۇنىڭدىن ئەرەبلەر ئىنتايىن ئىپتىخارلىنىپ كەلدى. 
            ئەمما ئەينى چاغدىكى ئەرەب ئەللىرى ئەمدى كەلمەسكە كەتتى، شۇڭا ئەرەب ئەللىرىدە سىياسىي جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى. ئەرەب ئەللىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ نېمىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرغاندىن باشقا، ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىگە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە ئېنىق ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرى يوق ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇلار يولغا قويغان سىياسەت ئاممىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ئىدى.
            ئىراققا ئەسكەر چىقىرىش مەسىلىسىدە ئەرەب ئەللىرىدىكى كۆپ ساندىكى ھۆكۈمەت تەقدىرگە تەن بەردى، ھەتتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى؛ شۇ چاغدىن باشلاپ، ئەرەب ئەللىرى ئىراققا تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئاساسەن يوقاتتى. پەلەستىن مەسىلىسىدە ئەرەب ئەللىرى ئۆزلىرىمۇ ئىشەنمەيدىغان تىنچىلىق مۇساپاسىنى قوللىغاندىن باشقا، پەلەستىنلىكلەرنىڭ نىشانىغا يېتىشى ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلىپ بەرمىدى. ئىران مەسىلىسىدە ئەرەب ئەللىرىنىڭ مەيدانى چۈشۈنىكسىز بولدى؛ ئۇلار ئاخىرقى تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىنى يەنىلا ئامېرىكىغا تاپشۇرغان ھەم ئامېرىكىنى قاتتىق تەدبىر قوللىنىشقا كۈشكۈرتكەن بولسىمۇ، يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ: بۇنداق ھەرىكەت ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ،دېيىشتى.
                      «ئىككى چوڭ تۈۋرۈك»نىڭ تەسىر كۈچى يوقىدى
        مىسىر بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئەرەب ئەللىرىدىكى ئىككى تۈۋرۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاللىقاچان ھالىدىن كەتتى، ئۇلارنىڭ تۈۋرۈكلۈك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىشلىرى ئازىيىپ، ئۆزلىرىنى زاۋاللىققا يۈزلىنىشتىن ساقلاپ قېلىشنىڭلا كويىغا چۈشۈپ قالدى. مىسىردىن ئىبارەت بۇ تۈۋرۈك ئالدى بىلەن غۇلاپ چۈشتى. ئەمما ئازادلىق مەيدانىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن خېلى ئىلگىرىلا مىسىر ئەرەب ئەللىرىدىكى رەھبەرلىك ئورنىدىن مەھرۇم قالغانىدى. ئىراق مەسىلىسىدە مىسىرنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمىدى. ئىرانغا قاراتقان سىياسىتىدە ئىزچىل ئېتىراز بىلدۈرۈش، سۆكۈش ۋە ھاقارەتلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى. مىسىر سۈرىيە بىلەن كۈچ سىنىشىشتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلمىدى، لىۋاندىكى تەسىر كۈچىنى تالىشىشتىمۇ يېڭىلىپ قالدى. مىسىرنىڭ ئەرەب-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىدە ھەقىقىي تەسىر كۈچى قالمىدى، ئىسرائىلىيە خاماس كونتىروللىقىدىكى غەززە رايونىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغاندا، بۇ رايوندىكىلەر مىسىر ئىسرائىلىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن دەپ قارىدى.
              رىياد ئىراننىڭ ئىراق قاتارلىق جايلاردىكى تەسىر كۈچىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. 2009-يىلى سەئۇدىي ئەرەبىستان مالىيە كۈچى ۋە ھەربىي قاتتىق دېتال جەھەتتە كۈچلۈك ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئەھۋالدىمۇ يەمەندىكى ئاسىيلارنى مەغلۇپ قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزىنىڭ يۈزىنى تۆۈۋالدى. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 2007-يىلى پەلەستىندىكى ۋە يېقىندا لىۋاندىكى ياراشتۇرۇش تىرىشچانلىقىغا شۇ جايدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر سەل قارىغان بولسىمۇ، سەئۇدىي ئەرەبىستان بۇ مەزھەپلەرگە بىر مەھەل خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەنىدى.
           ئەمەلىيەت ئەرەب ئەللىرىدىكى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ پاسسىپ ئىكەنلىكىنى، ھەرقانچە ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئەگەر ئەرەب رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر ئىلگىرى مەغلۇپ بولغان بىر قاتار ئىشلار يەنى پان ئەرەب ئىتتىپاقى، غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى تۇرۇش، ئىسرائىلىيەگە تاقابىل تۇرۇشتا، ھازىر ئۇلار بۇ كۈرەش نىشانىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى. كىشىلەر ئىلگىرى ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، ھازىرقى تاڭ قېتىپ قالغاندىن بەكرەك مەغرۇرلۇق ھېس قىلاتتى.
               ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەرەب دۆلەتلىرى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ۋە ھەمكارلىشىش پوزىتسىيەدە بولىۋاتىدۇ، دەپ قارىغاندا ئەرەبلەر ئۆز ئابرويىنىڭ تۆكۈلگەنلىكى ۋە مۇستەقىل تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى ھېس قىلىشتى. ئۆزىنى زىيانغا ئۇچۇرتۇش بەدىلىگە غەربنىڭ ھەربىي، مالىيە ۋە سىياسەت جەھەتتىكى قوللىشنى قولغا كەلتۈردى. بۇنداق يېقىن مۇناسىۋەت ئەرەبلەرنىڭ سىياسىيسىنى بۇرمىلىۋەتتى. تار دائىرىدىكى ھۆكۈمرانلار قاتلىمى چەت ئەلنىڭ ھىممىتىدىن ئايرىلالمىغاچقا، دۆلەت ئىچىدىكى پۇقرالارنىڭ ئارزۇسىنى ئويلاشماستىن، چەت ئەلنىڭ تەلەپلىرىگە بارغانسېرى ئاۋاز قوشىدىغان بولدى.
                يېڭى بىلەن كونىنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشى ئېنىقسىزلىققا تولدى 
       ئەرەب ئەللىرى تەرتىبىنىڭ يېمىرلىشى تەبىئىي ھالدا ھوقۇق مۇناسىۋىتىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئەنئەنىۋى كۈچلۈك دۆلەت تېگىشلىك كۈچىنى جارى قىلالمىسىمۇ، يېڭىدىن گۈللەنگەن قاتار قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جارى قىلدۇرغان كۈچى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىدىنمۇ زور بولدى. ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەلقنىڭ قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى ۋە يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، خېلى زور سىياسى كۈچ بولۇپ قالدى. شۇڭا ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دەل يېڭى دەۋردىكى ناسىردۇر. ئەرەب دۇنياسىنىڭ داھىسى ئويلىمىغان يەردىن بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بولۇپ قالدى.
              پوقرالارنىڭ قوزغىلىڭى بۇ مۇساپىدىكى ئەڭ يېڭى قەدەم . بۇ قوزغىلاڭغا يېڭىدىن بايقالغان قورقماس ۋە كۈچ-قۇۋىتى ئۇرغۇپ تۇرۇش ھېسسىياتى مەدەت بولدى، يەنى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراق ۋە ئافغانىستاندا جاپالىق تىركەشتى، ئىسرائىلىيە ئاللا پارتىيەسى بىلەن خاماسنى بويسۇندۇرالمىدى، ئەرەبلەر ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمىتىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشتىن قورقمايدىغان بولدى.
       ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا، پۇقرالار قوزغىلىڭى ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە ئەگىشىش، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناشقا تايىنىش تاكتىكىسنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ تاكتىكىلار بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ نامىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان بولۇپ، ۋاشىنگتونغا قىلچە پايدىسىز. ئامېرىكا مۇبارەك ھۆكۈمىتىنى قانچە كۆپ قوللىسىمۇ، ئامېرىكا مىسىرلىقلارنىڭ رايىنى ھەرگىز مايىل قىلالمايدۇ. ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى جىددىي ئەھۋالدا ئامېرىكا بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەت ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان تىنچلىق كېلىشىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرالمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى.
               تەۋرىنىپ قالغان ھۆكۈمەتكە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ماددىي ئەشيا ئەرەب خەلقى غەزەبپلىنىدىغان ئاساسلىق نەرسە ئەمەس، ئەرەب خەلقىنىڭ ئەڭ غەزەبلىنىدىغىنى دەل چەت ئەلگە زىيادە تايىنىۋېلىش.
           غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر: مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىسرائىلىيە-پەلەستىن تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرگەندە، خەلققە تەسەللى بەرگىلى بولىدۇ، دەپ قارىماقتا. بۇنىڭدا ئەرەبلەرنىڭ ھازىرقى تىنچلىق ئۈچۈن تىرىشىشتىن زور دەرىجىدە يىراقلاپ كەتكەنلىكى نەزەرگە ئېلىنمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل ئويدا ئەگەر تىنچلىق كېلىشىمىنى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى قوبۇل قىلسىلا، ئەرەب خەلقى چوقۇم قوبۇل قىلىدۇ، دەپ قارالغان. ئەمەلىيەتتە بۇ كېلىشىم مەجبۇرىي تېڭىلغان تەڭسىز كېلىشىم دەپ قارىلىشى مۇمكىن. تەرتىپنى قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تىنىچلىق كېلىشىمى ئەكسىچە تەرتىپنى يوقىتىدۇ.
            ئەرەب دۇنياسىنىڭ كونىدىن يېڭىغا ئۆتۈشى ۋە ئاخىرقى نىشانى ئېنىقسىزلىق بىلەن تولغان. ئەگەر ئۆزگىرىش باشلانسا، ئەرەبلەر خوجا بولۇش ئارزۇسىنى كۈچەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرى خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ، پۇقرالار دۆلىتىنىڭ مىسىردەك ئەمەس، بەلكى تۈركىيەدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
        نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ئەركىنلىكى ۋە غۇرۇرى تەدرىجى ئاجىزلاشتى. شۇنداقلا سىياسىي جەھەتتىمۇ ئاجىزلاشتى. ھازىرقى ۋەزىيەت دەل سىياسىي ئۆچ ئېلىشنىڭ ئالامىتىدۇر.   

    • pakistani bridal dresses junior evening dresses princess bridal dresses evening dress under 100 long white evening dresses
    دوستانە ئۇلىنىشلار
  • ئۇزدىيار ھەققىدە
  • |
  • ئېلان بىرىڭ
  • |
  • مۇلازىمەتلىرىمىز
  • |
  • ئۇلىنىش قۇشۇش
  • |
  • بىكەت خەرىتىسى
  • |
  • پىكىر
  • 百度影音Copyright © 2011 Uzdiyar.com Webseti. All Rights Reserved. Uzdiyar.com $

    بىكەت باشقۇرغۇچىسى : ئېليار ئېلان ئالاقە تېلفۇن نومۇرى :15902032603 QQ:278842