• باش بەت قىلۋېلىڭ

  • ئۇزدىيار تور بېكىتى
    Totally distinctive Wedding ceremony ceremony Selections Heat and Casual for any Inconvenience Complimentary Wedding ceremony and when you're preparing the soothing in conjunction with casual bridal ceremony also as workplace reception, black bridesmaid dresses black bridesmaid dresses, flower girl dresses flower girl dresses you ought to select informal marriage ceremony gown to proceed making use of you, sweetheart wedding dress sweetheart wedding dress Outstanding Marriage ceremony and reception Alternatives Goal for Unwelcome Showmanship Glamor Accompanied by a Vinta So you've got opted concerning stylish product bridal gowns in your individual major occasion Undoubtedly virtually constantly (if by no means all) marriage ceremony get-togethers will likely be, sweetheart a line wedding dresses sweetheart a line wedding dresses persons Discover a, plus evening dresses plus evening dresses.
    • ئەرەب دۇنياسىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك تېز ئۆزگىرىش بولمايدۇ

      • خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:
      • 16:44 28-09-2011
      • خەۋەر يوللىغۇچى:
      • ئۇزدىيار
      • خەۋەر مەنبەسى:
      • نۇر تورى
    • كانادا «يەر شارى پوچتا گېزىتى»تور بېكىتى ماقالىسى] كوچىلاردا كىشىلەر ئادەتتىكىدەك ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. تۇيۇقسىزلا كوچىلار ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى، ئۇلار كېچىدە يۈرۈش مەنئىي قىلىش بەلگىلىمىسىگە پىسەنتمۇ قىلمىدى. كىشىلەر  كۈچلۈك ھاكىمىيەتنىڭ ئەسلىدىكى ئاجىز تەرىپىنىمۇ تېزلا ھېس قىلدى. تانكىلاردىكى ئەسكەرلەر ھۆكۈمەتنى قوللاشنى ياكى ئېتىرازچىلارنى قوللاشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدى. كۆپ جەھەتتىن ئالغاندا، بۇ ئەھۋال 1989-يىلىدىكى ئەھۋال بىلەن بەك ئوخشىشىپ كېتەتتى.
              ئەمما، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىدە 1989-يىلى ئاممىنىڭ غەزبى قايناپ تاشقان ئەشۇ چاغلاردا ئوتتۇرا ياۋروپا ۋە شەرقي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكىگە ئوخشاش ئۆزگىرىش بولارمۇ؟ ئەشۇ يىللاردا ۋەزىيەت تېز كەسكىنلىشىپ، ھاكىمىيەت ۋە رەھبەرلەر دومىنو قارتىسىغا ئوخشاش كەينى-كەينىدىن غولاپ چۈشتى.  غولاپ چۈشكەنلەر غەزەبلەنگەن خەلق ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە غايىپ بولغانلىقىنى بايقىدى.
             كۆپ ساندىكى ئەرەبلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ۋەزىيەت 1848-يىلى ياكى 1968-يىلىدىكى ياۋروپانىڭكىگە ئوخشاپ كېتەمدۇ؟ بۇ ئىككى باسقۇچتىكى ياۋروپادا پۈتۈن رايونغا تارقالغان خەلق قوزغىلىڭى بىر نەچچە ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرالمىغان ئەھۋالدىمۇ، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرگەن.
            1989-يىلىدىكى دېموكراتىك ئىنقىلابنى باشتىن كەچۈرگەن ئوتتۇرا ياۋروپالىقلار: مۇشۇ ھەپتە قاھىرەدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ تارىختىكى ۋەقەلەر بىلەن ئاجايىپ ئوخشىشىپ كېتىدىغان جايلىرى بار، دېيىشتى. ئەبۇدەبىدىكى مۇخبىرى ئالما قادراجىچ : بىز 1989-يىلىدىكى ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق. ھازىر ئالاقە تورى كەڭ ئومۇملاشقاچقا، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى تېخىمۇ تېز بولدى، دېدى.
               ئەمما تارىخ تەكرارلانمايدۇ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ۋارشاۋا شەرتنامىسىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن 2011-يىلىدىكى 20 نەچچە ئەرەب دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى  ئوخشىمايدۇ. ئەرەب ئىنقىلابى غەلىبە قىلغان تەقدىردىمۇ، ئاقىۋىتى ئۇنداق بولمايدۇ.
           ئىلگىرى ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ھەرىكەت تەشكىلاتلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان زادلار: كوچىلاردىكى پۇقرالارنىڭ قارىشى ۋە تەشكىللىنىشىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى 1989-يىلىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەت بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرۇدىغان دەرىجىدە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى ھاكىمىيەتتە، يەنى ئۇلار ھەم ئوخشاش تۈرگە تەۋە ئەمەس ھەم ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان كوممۇنىستىك دۆلەتلەرگە ئومۇميۈزلۈك ئاجىز ئەمەس، دېيىشتى.
             سوتسيولوگ ئاسىف بايات «تۇرمۇش سىياسىيغا ئوخشايدۇ: پۇقرالار ئوتتۇرا شەرقنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ» دېگەن ئەسىرىدە مىسىر بىلەن سۈرىيەدىكى كوچا قوزغىلاڭلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: بۇ ئايدا ئەرەب دۆلەتلىرى پايتەختىدىكى ئاممىنىڭ توپلىشىشىنىڭ 1989-يىلى تۇيۇقسىز يۈز بېرىپ بىردەمدىلا مەملىكەتكە كېڭەيگەن قوزغىلاڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان تەرىپى بار، ئەرەب دۇنياسىدىكى ھەرىكەت كۆلۈمى كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىن خېلىلا چوڭ بولدى، دېدى.   
            ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: شۇنداق بىر توپ كىشىلەر باركى، مەن ئۇلارنى نامرات ئوتتۇرا بۇرژۇئازلار، دەپ ئاتاشنى ياقتۇرىمەن، ئۇلاردا ئالاقە تورى بولسىمۇ، ھازىرقى ھاكىمىيەتتە ۋە ئىقتىسادىي شارائىتتا ئۇلارغا ھېچقانداق پۇرسەت يوق، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىدىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، ئۇلار سىياسەتۋازلار ئەمەس، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى  كىشىلەر تۇيۇقسىزلا: تۇنىسلىقلار مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئوڭايلا ئاغدۇرىۋېتەلىگەن يەردە،  بىز نېمىشقا ئاغدۇرۇۋېتەلمەيمىز، دېگەننى ئويلاشقا باشلايدۇ.
           غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئەرەبلەر ھەمىشە ئىتائەتمەن، دەپ تەسۋىرلىنىدىغان بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدا يەنىلا ئىستىخىيلىك ھەرىكەتلەر بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ قوزغىلاڭ ئىچىدە ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغىنى 1987-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە يۈز بەرگەن پەلەستىن قوزغىلىڭى بىلەن 2005-يىلى سۈرىيەدىن  قورچاق ھۆكۈمران قوغلاپ چىقىرىلغان «قارىغاي ئىنقىلابى»دىن ئىبارەت. يەنە نەچچە ئون قېتملىق كىچىك كۆلەملىك قوزغىلاڭلارمۇ يۈز بەردى. بۇلاردىن ئەرەبلەرنىڭمۇ  ھوقۇقدارلارغا لەبەي دەپ تۇرىدىغان ئىتائەتمەن ياۋاشلاردىن ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
          ئەمما بايات: ئوخشىمايدىغان يېرى دەل ھاكىمىيەتتە. خەلق ھەرىكىتىدە مۇشۇنداق ئامىل ۋە ئىستىخىيىلىك تاكتىكا بولسىمۇ،ئۇلار دۇچ كېلىدىغان ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدە پەرق ناھايىتى زور، دېدى.
           بايات: شەرقىي ياۋروپا گۇرۇھى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېغىر دەرىجىدە بېقىنسىمۇ ، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ پەرق زور بولغاچقا، بەزىلىرى غەربكە تايىناتتى. لېكىن، سۈرىيە بىلەن لىۋىيەگە ئوخشاش بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېقىنغا ئوخشاش غەربكە ئازراقمۇ بېقىنمايدۇ، دېدى. 
            ھازىر ئەرەب ھاكىمىيىتىدىن 20 نەچچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخشاش ھوقۇقنى يۈكسەك تېزگىنلەيدىغان ساپ پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى  دۆلەتلەرمۇ؛ لىۋىيە ۋە سۈرىيەگە ئوخشاش بېكىنمە سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرمۇ؛ ئالجىرىيە ۋە لىۋانغا ئوخشاش مۇستەبىت ھاكىمىيەت باشقۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا تەرەققىپەرۋەر ھېسابلىنىدىغان دۆلەتلەرمۇ بار. تۇنىسقا ئوخشاش دىندىن خالىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەتلەرمۇ بار. ھالبۇكى، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئىسلام شەرىئىتىگە مايىللىشىدۇ.
          يۇقىرى ساۋاتلىق نىسبىتى ۋە ھەممەيلەننىڭ دېگۈدەك يان تېلېفۇن ۋە ئالاقە تورى ئىشلىتىشى ئەرەبلەر ئۆزلىرى ئىنتىلىدىغان نەرسىلەر جەھەتتە بارغانسېرى بىر بىرىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرسىمۇ، كىشىلەر ھاكىمىيەتنىڭ ھوقۇقنى قانچىلىك چىڭ تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلمەيدۇ، شۇنداقلار پۇقرالارنىڭ قانداق ھاكىمىيەتنى ئالقىشلايدىغانلىقىنىمۇ ئۇقمايدۇ.
            يەنە بىر ئوخشىمايدىغان ئاچقۇچلۇق تەرەپ ھەربىيلەر بولۇشى مۇمكىن. ھەربىيلەر ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنى باستۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى قوللاشقا باشلىمىغان ئەھۋالدا، ئادەتتە كەڭ كۆلەملىك ئىنقىلابقا ئۆزگىرەلمەيدۇ. شۇڭا، تۇنىستا ۋەزىيەت ناھايىتى تېز ئۆزگەردى.
             مىسىرنىڭ ئارمىيەسى ئافرىقا بويىچە ئەڭ كۆپ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تەمىناتى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئەزەلدىن ئۆزلىرىنى خەلقنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ قاراپ كېلىۋاتىدۇ. نۇرغۇن ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئەسكەرلەر دەل ئېتىراز بىلدۈرىۋاتقان ياشلار بىلەن بىر مەھەللىدىن، 1989-يىلى ياۋروپادىكى مۇستەبىتلەرمۇ مۇشۇنداق ئىتتىپاقلىشىش ئارقىلىق تەختتىن چۈشۈرۈلگەن. بۇ قېتىمقى بۇنداق ئىتتىپاقلىشىش ئازاد قىلىش ۋە زورلۇق كۈچ بىلەن باستۇرۇش ئارىسىدىكى پەرقنى بەلگىلىشى مۇمكىن.

    • pakistani bridal dresses junior evening dresses princess bridal dresses evening dress under 100 long white evening dresses
    دوستانە ئۇلىنىشلار
  • ئۇزدىيار ھەققىدە
  • |
  • ئېلان بىرىڭ
  • |
  • مۇلازىمەتلىرىمىز
  • |
  • ئۇلىنىش قۇشۇش
  • |
  • بىكەت خەرىتىسى
  • |
  • پىكىر
  • 百度影音Copyright © 2011 Uzdiyar.com Webseti. All Rights Reserved. Uzdiyar.com $

    بىكەت باشقۇرغۇچىسى : ئېليار ئېلان ئالاقە تېلفۇن نومۇرى :15902032603 QQ:278842