
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا غەربكە يوشۇرۇنغان داڭلىق جاسۇسى زورگى موسكۋاغا ئەڭ قىممەتلىك ئاخبارات يوللىغان بولسىمۇ، ستالىن ئۇنى يەنىلا «يالغان ئاخبارات» دەپ گۇمانلانغان. زورگى ئاخباراتىدا گىتلېرنىڭ 1941-يىلى 22-ئىيۇن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى دوكلات قىلىپلا قالماستىن، ھەتتا يەنە گېرمانىيەنىڭ 170 پىيادە ئەسكەرلەر دېۋىزىيەسىنى ئىشقا سالىدىغانلىقى ھەم ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى موسكۋا ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئەسكەرتكەن. شۇ يىلى 17-ئاپرېل پراگادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئاخبارات ئورگىنىمۇ گېرمانىيەنىڭ ئىيۇندا سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاخبارات يوللىغان. 1973-يىلدىكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ستالىن بۇنداق دوكلاتتىن ئاز دېگەندىمۇ 84 نى تاپشۇرۇۋالغان.
گېرمانىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشى قوزغاشنى پىلانلىغىلى ئۇزاق بولغان بولۇپ، ناھايىتى ئىنچىكە تەييارلىق كۆرگەن. ناتسىستلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق چاڭگىلى باشقا دۆلەتلەرگە سوزۇلغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى يەنىلا نادانلىق بىلەن پەرۋا قىلماي، «ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» چېگرىنى قوغدىيالايدۇ ياكى ھېچ بولمىغاندا ۋاقىتنى كەينىگە سۈرەلەيدۇ، دەپ قارىغان. لېكىن سوۋېت ئىتتىپاقى دەل گېرمانىيەلىكلەر ۋە گىتلېرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نىشانى ئىدى. ئۇلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىش ۋە ئۆچ ئېلىش پىلانى ھەتتا 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىلا شەكىللىنىشكە باشلىغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى «كۆزگە قادالغان مىق، گىتلېرنىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇشىدىكى توسالغۇ»، دەپ قارىغان.
1940-يىلى كۈز، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە «ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» ئىمزالىغانلىقىغا بىر يىل بولغاندا، گىتلېر سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئاۋۋال پېرۇسسىيەدىكى راسېنبۇرگ ئەتىراپىدا باش ئىشتاب قۇرۇپ، بىر تۈركۈم قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىسلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېقىن جايغا ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئارقىدىنلا ئۆزى ئۇزاقتىن بۇيان تۈزۈپ كەلگەن «بارباروسسا» پىلانىنى يولغا قويغان. بارباروسسا 12-ئەسىردىكى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ پادىشاھىنىڭ ئىسىمى بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا مۇقەددەس ئۇرۇش تۈسى بېرىش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلىش پىلانىنى مۇشۇ نام بىلەن ئاتىغان.
«بارباروسسا پىلانى»نىڭ باش مەقسىتى: ئەنگلىيەگە قارشى ئۇرۇش ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى، تانكا، موتورلاشقان قىسىملار ۋە ئاۋىياتسىيە قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ، «چاقماق تېزلىكىدە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاپ»، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ غەرب تەرەپتىكى ئاساسىي كۈچىنى بۆلۈپ مۇھاسىرىگە ئېلىپ يوقاتقاندىن كېيىن، ئىستراتېگيەلىك ھۇجۇم قوزغاپ، يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ، لېنىنگراد، موسكۋا ۋە دونباسنى ئىشغال قىلىپ،1941-يىلى قىش كىرىشتىن ئىلگىرى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىكەن. گىتلېر ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر قايتا- قايتا تەھلىل قىلغاندىن كېيىن: سوۋېت ئىتتىپاقىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلار تەييارلىقسىز تۇرغاندا «چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇش» قوزغاش كېرەك، دەپ قارىغان.
بۇ سۈرئەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئۇرۇش مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ۋە ستالىننىڭ گۇمانىنى تۈگىتىش ناھايىتى مۇھىم ئىدى. بۇ ۋاقىتتا، گېرمانىيىلىكلەر ستالىننىڭ كۆزىنى باغلاپ، پات ئارىدا يۈزبېرىدىغان ئۇرۇشنى ئۇنىڭغا تۇيدۇرماسلىقى زۆرۈر ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار بۇ ۋەزىپىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىغان.
بۇنداق ئالدامچىلىق پىلانى ناھايىتى ئىلگىرىلا باشلانغان. 1939-يىل ئاۋغۇستتا، گىتلېر موسكۋانى ئالداپ قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن، ستالىننىڭ زېمىن تەلىپىگە ماسلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، پولشانى بۆلۈشكەندە ستالىنغا نەپ بەرگەن. بۇ بىزگە دۇنيادا ھەرگىزمۇ تەر تۆكمەي ھالاۋەت يوقلىقىنى، تاجاۋۇزچىلارنىڭ يول قويۇشتىكى مەقسىتىنىڭ پەردە ئارقىسىدا يەنە تېخىمۇ رەزىل مەقسەت بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. «بارباروسسا پىلانى»تۈزۈلگەندىن كېيىن، بىر قاتار سىياسىي ئالدامچىلىقلار ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۇرۇشلارنى نىقاپلاش تەدبىرلىرى ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويۇلغان.
شۇنداق قىلىپ، گىتلېر سوۋېت ئىتتىپاقىنى قايمۇقتۇرۇشقا باشلىغان. ئۇ پوزتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېڭى تىپتىكى ئايروپىلان ۋە بەزى ئىلغار تېخنىكىلىق قوراللارنى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا «ئىشىنىدىغان»قىياپەتكە كىرىۋالغان. بۇلار قارىماققا چىرايلىق كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە كارغا كەلمەيدىغان نەرسىلەر ئىدى. چۈنكى گىتلېر گېرمانىيە پات ئارىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇۋاتقان بۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى گېرمانىيەنىڭ يېڭى تېخنىكىلىرىدىن پايدىلىنىشقا ئۈلگۈرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇلارنى قايمۇقتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇنلا ئويلاپ يەتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقىلىقلار بولسا ئۆزى كەلگەن بۇ«ئېسىل سوۋغا»نى ناھايىتى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان.
ھەربىي جەھەتتە، گېرمانىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىمۇ جىددىي ھەرىكەتكە كەلگەن. 1941-يىلى 15-فېۋرال دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى چەت ئەللەر ۋە جاسۇسلۇق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى كانارىس باش قوماندان كېيتېلنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئىستراتېگىيەلىك ئالداش پەرمانىنى تاپشۇرۇۋالغان. مارتنىڭ بېشىدا، مەزكۇر ئىدارىنىڭ 3-باشقارمىسى (جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش باشقارمىسى)كانارىسنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ كۆرسەتمىسىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ،ئۇنىڭدا: «بىرىنچى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا پائال جاسۇسلۇققا قارشى ھەرىكەت قوللىنىپ،سوۋېت ئىتتىپاقى ئاخبارات ئورگانلىرىنى پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇڭلار: ئىككىنچى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇلاردا <گېرمانىيە ھەقىقەتەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ئەنگلىيەگە ئۇرۇش قوزغاشقا تەييارلىق كۆرۈۋېتىپتۇ>دېگەن تۇيغۇ پەيدا قىلىڭلار؛ ئۈچىنچى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھۇجۇمغا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى ۋە ئارمىيەنى شەرققە يۆتكەش جەھەتتىكى مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاڭلار»، دېيىلگەن.
ئۇلارنىڭ ئاساسىي نىشانى: «دېڭىز شىرى»پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا «گېرمانىيەلىكلەر ئەنگلىيەگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغاش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋېتىپتۇ»دېگەن يالغان تەسىر پەيدا قىلىش ئىدى. ئۇلار ئېنگلىز بوغۇزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى پورتقا «ئەنگلىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، چېرچىلنى تىرىك تۇتىمىز» دېگەن شوئارلارنى چاپلىغان ھەم قىسىملارغا ئەنگلىيەنىڭ خەرىتىلىرىنى تارقىتىپ بېرىپ، ئېنگلىزچە تەرجىمان سەپلەپ بەرگەن؛«بارباروسسا پىلانى»نى يوشۇرۇش ئۈچۈن، دېڭىز بوغۇزى قىرغىقىغا دېڭىزدىن ئۆتىدىغان ۋە قۇرۇقلۇققا چىقىدىغان نۇرغۇن ئۈسكۈنىنى توپلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، «ماراكەشتە 600 مىڭ كىشىلىك گېرمانىيە ئارمىيەسى پەيدا بوپتۇ ياكى 60 مىڭ كىشىلىك گېرمانىيە قوشۇنى ئىسپانىيەگە ئورۇنلىشىپتۇ»، دېگەندەك گەپلەر ھەممىلا يەردە تارقالغان.
بۇنىڭدىن سىرت، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېرمانىيە ئارمىيەسى شەرققە يۆتكەلگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ھەم گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ يوشۇرۇنچە شەرقىي سەپكە توپلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گىتلېر يەنە گېرمانىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى باش ئەلچىسى ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىزاھات بېرىپ: قىسىمدىن چېكىنگەن پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، پولشاغا ئەسكەر يۆتكەۋاتىمىز؛ بەزى مەشقاۋۇللارنى ئەۋەتىپ، رۇمىنىيەنىڭ ھەربىي مەشىقلىرىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، قىسىملىرىمىزنى رومىنىيەگە ئورۇنلاشتۇردۇق، دېگەن. ئەمما ئۇلار ئىيۇننىڭ باشلىرىغىچە، تەخمىنەن 5 مىليون 500 مىڭ كىشىلىك قوشۇن،47مىڭ زەمبىرەك، 3500 تانكا، 4900 ئايروپىلان ۋە نەچچە ئون مىڭ توننا قورال-ياراغ ھەم ئوق-دورىنى سوۋېت-گېرمانىيە چېگرىسىغا يوشۇرۇن يەتكۈزگەن بولۇپ،گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئۈچ گۇرۇپپىۋاي ئارمىيە توپى پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق كۆرۈپ بولغان. گېرمانىيە ئارمىيەسىمۇ بۇيرۇققا بىنائەن نىقاپلانغان بولۇپ، بىرونېۋك قىسىملىرى«قۇرۇلۇش قىسىمى» ياكى «مەشىق قىسىمى»دەپ ئاتالغان.
گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھەرىكىتى رۇسىيە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغاچقا، ئۇلار موسكۋاغا توختىماي ئاخبارات يوللىغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا،سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربكە يوشۇرۇنغان داڭلىق جاسۇسى زورگ موسكۋاغا ئەڭ قىممەتلىك ئاخبارات يوللىغان بولسىمۇ، ستالىن ئۇنى يەنىلا«يالغان ئاخبارات»دەپ گۇمانلانغان. زورگى ئاخباراتىدا گىتلېرنىڭ 22-ئىيۇن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى دوكلات قىلىپلا قالماستىن، ھەتتا يەنە گېرمانىيەنىڭ 170 پىيادە ئەسكەرلەر دېۋىزىيەسىنى ئىشقا سالىدىغانلىقى ھەم ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى موسكۋا ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئەسكەرتكەن. شۇ يىلى 17-ئاپرېل پراگادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئاخبارات ئورگىنىمۇ گېرمانىيەنىڭ ئىيۇندا سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاخبارات يوللىغان. 1973-يىلدىكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ستالىن بۇنداق دوكلاتتىن ئاز دېگەندىمۇ 84 نى تاپشۇرۇۋالغان.
ستالىن گىتلېرنىڭ قارا نىيىتى بارلىقىنى بىلسىمۇ، ھەمىشە ئۆز تەپەككۈرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا: گېرمانىيە بۇنداق تېز سۈئەتتە ئۇرۇش قوزغىيالمايدۇ، دەپ قاراپلا قالماستىن، بەلكى گىتلېرنىڭ ئىلگىرىكى كۆز بويامچىلىق ھىلىسىدىن قايمۇقۇپ قالغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى چېرچىلنىڭ يالغان ئاخبارات ۋەقەسى سەۋەبىدىن، ئۇ ئۆزىنىڭ :«گېرمانىيە پات ئارىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىدۇ، دېگەن ئاخباراتلارنىڭ ھەممىسى يالغان» دېگەن ھۆكۈمىگە تېخىمۇ ئىشەنگەن. ئۇرۇش باشلىنىش ھارپىسىدا، يەنى 18-ئىيۇن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسى مەس بولۇپ قېلىپ چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن گېرمانىيە ئەسكىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى سوراق قىلغاندىن كېيىن:22-ئىيۇن ئەتىگەن سائەت تۆتتە،گېرمانىيە ئارمىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇم قوزغايدۇ، دېگەن ھەيران قالارلىق خەۋەرگە ئېرىشكەن. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى چېگرا مۇداپىئە قىسىمىدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر:ئادەتتىكى ئەسكەرنىڭ بۇنداق مۇتلەق مەخپىي ئاخباراتنى بىلىشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەن.
گېپىگە ئىشەنمىگەنلىكى كۆرگەن گېرمانىيە ئەسكىرى يىغلامسىراپ تۇرۇپ:«ئەگەر 22-ئىيۇن سائەت بەشكىچە ئۇرۇش يەنىلا باشلانمىسا،مېنى ئېتىۋېتىڭلار!»دېگەن. ئەسىرنىڭ ئىقرارى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى 5-گۇرۇپپىۋاي ئارمىيەسىنىڭ قوماندانىغا يەتكۈزۈلگەندە، بۇ قوماندان كۈلۈپ قويۇپلا بولدى قىلغان. 21-ئىيۇن كەچتە: «گېرمانىيە ئارمىيەسى ئەتە سەھەر سائەت ئۈچتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قوزغايدىكەن»دېگەن ئاخىرقى ئاخبارات كەلگەن. ستالىن ۋە ئۇنىڭ ھەربىي قوماندانلىرى شېرىن چۈشىدىن ئۇيغانغان بولسىمۇ، كېچىككەن بولۇپ، گىتلېرنىڭ زەمبىرەكلىرى ئاللىبۇرۇن گۈمبۈرلەپ ئېتىلىشقا باشلىغان ئىدى.