

جۇڭشىن تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرى. نۆۋەتتە كازافىينىڭ يۇرتى سۇرتەگە قىلىنغان ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىۋاتقان بىر ئەمەلدارنىڭ 27-سېنتەبىر ئېيتىشىچە، ئۇ ھازىر سۇرتە شەھىرىدىكى بىر ئاقساقال بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ، بىراق يەنە باشقا بىر كازافىيگە قارشى ئەترەتنىڭ قوماندانى ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.
نۆۋەتتە سۇرتەدىكى كازافىينى قوللىغۇچى ئاخىرقى بىر قانچە قالدۇق قىسىم، لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان، ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنماقتا.
توۋاھام-جايان بولسا، لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى El-Farouk ئارمىيىسىنىڭ سۇرتە شەھىرىنىڭ غەربىنى ساقلاپ تۇرغان قوماندانى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كازافىي قەبىلىسىدىكى بىر ئاقساقال سۇرتە شەھىرى ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن سۈنئىي ھەمرا تېلېفونى ئارقىلىق ئالاقىلەشكەن.
جاياننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئاقساقال پۇقرا ۋە يەرلىك ئەسكەرلەرنىڭ سۇرتەدىن ئايرىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر يول ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
جايان كازافىي قەبىلىسىدىكى پۇقرالارنىڭ بىخەتەر ئايرىلىشىگە قوشۇلغان، ھازىر كازافىي قوشۇنلىرىنىڭ تەسلىم بولۇشى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا.
‹‹ بىز ئىشلارنىڭ ئىنچىكە يەرلىرى توغرىسىدا سۆزلەشمىدۇق، ئۇلارنىڭ سۇرتەدىن قانداق ئايرىلىپ كېتىشى توغرىسىدىمۇ كونكرېت سۆزلەشمىدۇق. بىراق، مېنىڭچە ئۇلار ئاۋۋال چوقۇم قوراللىرىنى تاشلىشى كېرەك. ››
شەھەر غەربىدىكى ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئۇرۇشنى توختىتىپ سۆھبەت ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى قارارىمۇ ئوخشاشمايدۇ، سۇرتە شەھىرى شەرقىدىكى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىۋاتقان قوماندان كاتىرانىمۇ داۋاملىق ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلماقتا. بۇنىڭدىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بولىدىكى، ھەر تەرەپلەردىكى ماس ھەمكارلىقنىڭ كەمچىل بولۇشى ، لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ قايتا-قايتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبىدۇر.
كازافىي قوشۇنلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشتىكى مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، كاتىرانى :‹‹ ئۇلارنىڭ سۆھبەتلىشىش خىيالى يوق، بىز بۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەيمىز. ›› دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 27-سېنتەبىر كۆرسىتىشىچە، تەخمىنەن 200 مىڭ لىۋىيە پۇقرالىرى كازافىي قالدۇق قوشۇنلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا. ئۇلار ئاساسلىقى سۇرتە ۋە بانىي ۋالىد ئىكەن.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى لىۋىيە ھەربىي ئىشلار ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك رولاند.لاۋائىراب، 27-سېنتەبىر نابولىيدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي ئىشلار ھەرىكىتىدىكى قوماندانلىق شتاتىغا :‹‹ كازافىيغا سادىق قوشۇن پۇقرالار رايونىغا يوشۇرۇنۇۋالغان، مەغلۇپ بولغىنىغا تېخى تەن بەرمىدى. ›، دېدى.
لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قوماندانىنىڭ شۇ كۈنى سەھەر ئېيتىشىچە، نەچچە كېچە ئۇرۇشۇش ئارقىلىق ئۇلار كازافىي قوشۇنلىرىنىڭ قولىدىن سۇرتە شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى پورتنى تارتىۋالغان.
بىراق، 27-سېنتەبىر كازافىينىڭ بانىي ۋالىدتا سۆزلىگەن تېلېۋىزىيىدەك نۇتقىدا، ئۆزىنىڭ ھازىرمۇ لىۋىيە چېگرىسى ئىچىدە ئىكەنلىكى، ھەمدە ئاخىرغىچە قارشى تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم بەرگەنلىكى، دېيىلگەن.