• باش بەت قىلۋېلىڭ

  • ئۇزدىيار تور بېكىتى
    Totally distinctive Wedding ceremony ceremony Selections Heat and Casual for any Inconvenience Complimentary Wedding ceremony and when you're preparing the soothing in conjunction with casual bridal ceremony also as workplace reception, black bridesmaid dresses black bridesmaid dresses, flower girl dresses flower girl dresses you ought to select informal marriage ceremony gown to proceed making use of you, sweetheart wedding dress sweetheart wedding dress Outstanding Marriage ceremony and reception Alternatives Goal for Unwelcome Showmanship Glamor Accompanied by a Vinta So you've got opted concerning stylish product bridal gowns in your individual major occasion Undoubtedly virtually constantly (if by no means all) marriage ceremony get-togethers will likely be, sweetheart a line wedding dresses sweetheart a line wedding dresses persons Discover a, plus evening dresses plus evening dresses.
    • رۇسىيە زۇڭتۇڭى مۇئاۋىن زۇڭلىنى «ئىشتىن بوشاتتى»

      • خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:
      • 16:45 28-09-2011
      • خەۋەر يوللىغۇچى:
      • ئۇزدىيار
      • خەۋەر مەنبەسى:
      • نۇر تورى


    •  

      ئالېكسېي كۇدرىن

          شىنخۇا تورى موسكۋا 26-سېنتەبىر تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭ ئاخبارات ئىدارىسى 26-سېنتەبىر كەچتە ئاخبارات ئېلان قىلىپ ، زۇڭلىنى خەۋەرلەندۈرۈش قاتارلىق زۆرۈر تەرتىپلەردىن كېيىن، شۇ كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ  بۇيرۇق ئىمزالاپ مۇئاۋىن زۇڭلى ، قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى ئالېكسېي كۇدرىننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى، دېدى.

          كۇدرىن 25-سېنتەبىر ۋاشىنگتوندا دۇنيا پۇل مۇئامىلە فوندى تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا بانكىسىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقاندا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا، ئۆزى بىلەن زۇڭتۇڭ مېدۋېدېۋ ئوتتۇرىسىدا ئىقتىساد ۋە مالىيە جەھەتتە بىر قاتار ئىختىلاپ مەۋجۈتلىقىنى، زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن كېيىن مېدۋېدېۋ زۇڭلىلىق قىلىدىغان ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتەشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

          26-سېنتەبىر ئۇلىيانوۋسك ئىشتاتىدىكى دىمىتراۋگراد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا، مېدۋېدېۋ شۇ يىغىنغا قاتناشقان كۇدرىننىڭ جامائەت ئالدىدا ئېيتقان زۇڭتۇڭ بىلەن ئىختىلاپ مەۋجۈت، دېگەن سۆزىنى چۈشەندۈرىشىنى، بولمىسا ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. كۇدرىن شۇ ۋاقىتتا بۇ ئىشنى زۇڭلى پۇتىن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.





       

      مېدۋېدېۋ بىلەن كۇدرىن يىغىندا


          مېدۋېدېۋ يىغىن باشلانغاندا: زۇڭتۇڭنىڭ سىياسىتىغا گۇمانىي پوزىيتسىيەدە بولغانلارنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ئىستىپا سوراش ھوقۇقى بار، لېكىن ئەمەلدارلار كەينىدىن مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن «غەيۋەت» قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. كۇدرىننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇپ زۇڭتۇڭ بىلەن ئوتتۇرىمىزدا سىياسەت ئىختىلاپى مەۋجۈت دېيىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس ھەمدە ھېچقانداق ئاساسى يوق. ئەگەر ئىختىلاپ مەۋجۈت بولمىسا، كۇدرىن بۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېتىشى ، بولمىسا ئىستىپا بېرىشى كېرەك، دېگەن.

          مېدۋېدېۋ يەنە: كۇدرىن ئىستىپا بېرىش ھەققىدە ھەرقانداق ئادەم بىلەن مەسلىھەتلەشسە بولىدۇ، لېكىن مەن ھازىر زۇڭتۇڭ بولۇش سۈپىتىم بىلەن كېلەر يىلى مايدا ۋەزىپەم ئاخىرلاشقۇچە قارار چىقىرىش ھوقۇقۇم بار. رۇسىيەدىكى سايلام پائالىيەتلىرى باشلىنىپ كەتتى، بۇ بىر دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسى ۋە بەزى شەخسلەرگە نىسبەتەن بىر مۇرەككەپ سىناق. ھازىر تېخى يېڭى ھۆكۈمەت بارلىققا كەلگىنى يوق ياكى ئادەملەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش توغرىسىدا ھېچقانداق تەكلىپ سۇنۇلمىدى دېمەك، ھازىرقى ھۆكۈمەت زۇڭتۇڭ ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، ئاساسىي قانۇن رامكىسىدا  ئىش يۈرگۈزىدۇ، دېدى.





      كۇدرىن 2000-يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە رۇسىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2004-يىلدىن 2007-يىلغىچە ئۈزۈلۈپ قالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن.

          ئىگىلىنىشچە، 27-سېنتەبىر رۇسىيە زۇڭلىسى پۇتىن بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلى ئىگور شۇۋالوۋ بىلەن مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارىنى كۇدرىننىڭ ۋەزىپىسىنى ۋاقىتلىق ئۆتەپ تۇرۇشقا تەيىنلىگەن

    • pakistani bridal dresses junior evening dresses princess bridal dresses evening dress under 100 long white evening dresses
    دوستانە ئۇلىنىشلار
  • ئۇزدىيار ھەققىدە
  • |
  • ئېلان بىرىڭ
  • |
  • مۇلازىمەتلىرىمىز
  • |
  • ئۇلىنىش قۇشۇش
  • |
  • بىكەت خەرىتىسى
  • |
  • پىكىر
  • 百度影音Copyright © 2011 Uzdiyar.com Webseti. All Rights Reserved. Uzdiyar.com $

    بىكەت باشقۇرغۇچىسى : ئېليار ئېلان ئالاقە تېلفۇن نومۇرى :15902032603 QQ:278842