
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋىرى: تۈرمە ھەرقانداق بىر ئادەم مەڭگۈ بېرىشنى خالىمايدىغان يەر، چۈنكى ھەممەيلەن ئۇ يەرگە بىر توپ ياۋۇز، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىۋاتقان جىنايەتچىلەر سولانغان جاي دەپ قارايدۇ، ئۇلار ئەركىنلىكىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى تۆمۈر دېرىزىلىك دوزاختا ئازاب تارتىشىدۇ. بەزى ئارخىتېكتورلار ئالاھىدە بىناكارلىق ئ.ۇسلۇبىغا ئىگە تۈرمىنى بىنا قىلدى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، جازا مۇددىتىنى ئۆتەشمۇ بىر خىل ئىززەت-ئابرويلۇق ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىشى ھەتتا جىنايەتچىلەر ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىلىپ بېرىلىشى كېرەك ئىكەن. تۆۋەندىكىسى پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدىكى 12 ئەڭ ئالاھىدە ياسالغان تۈرمىلەر:












جىنايەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى بولغان ئۆزگەرتىش مۇھىتىغا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن مالايسىيە بىناكارلىق كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى Chow Khoon Toong ، Ong Tien Yee ، ۋە Bbeh Sssi Cze لار بىر خىل يېڭى ئىمارەت بولغان ۋېرتىكال تۈرمىنى لايىھىلەپ چىقتى. ۋېرتىكال تۈرمە بىلەن ئادەتتىكى تۈرمىلەر ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا پۈتۈنلەي تام بولمايدۇ، ئۇنىڭدا قوللىنىلغان ئايرىش ئۇسۇلى بولسا ئېگىزلىك، جىنايەتچىلەر ئەگەر تۈرمىدىن قېچىشنى ئويلىسا، بىردىنبىر ئۇسۇل بىنادىن سەكرەش ئىكەن. ۋېرتىكال تۈرمىدە، جىنايەتچىلەر ھەر كۈنى ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئۆزى ۋە شەھەر ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىكەن. ئۇلار تۈرمە ئىچىدە ئەركىن تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىكەن شۇنداقلا تۆۋەندىكى شەھەر تۇرمۇشى ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن. ۋېرتىكال تۈرمىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى يەنىلا جىنايەتچىلەرنىڭ تېزرەك جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىش ئىكەن.